ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ماتىريالدىن ئامرىكىنىڭ مەلۇم بىر پىرزىنتىنىڭ ؛« ناۋادا %70ئامرىكا خەلقى زەھەرلىك چىكىملىك چىكشنى قانۇنلۇق قىلىپ بىرىڭلار ، دەپ ئاۋاز بەرسە ئامرىكا ھوكۇمىتى قىلچە ئىككىلەنمەي قانۇنلۇق قىلىپ بىردۇ » دىگەن مەنىدىكى سوزنى كورگەن ئىدىم . بۇ سوزنى پرېزىدېنت ئامرىكا دىمۇكىراتىيسىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەلىكىنى كوز - كوز قىلىش ئۇچۇن ئىيىتقان . بۇ سوزنى تۇنجى قىتىم ئوقۇغان چىغىمدا ھەيران قالغان ئىدىم . لىكىن بۇ ھەيرانلىق ئامرېكىدىكى دېمۇ كراتىيىنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىدىن پەيدا بولغان ھەيرانلىق بولماستىن ، بەلكى %70ئامرېكا خەلقى راستىنلا زەھەرلىك چېكىملىك چىكىشنى قانۇنلۇق قىلىپ بىرىڭلار ، دەپ تەلەپمۇ قىلارمۇ دىگەن گۇماندىن پەيدا بولغان ھەيرانلىق ئىدى.ھەيرانلىقىم ئۇزۇنغىچە بىسىلمىدى . ھەتتا غەربىي ياۋرۇپادىكى بىر قانچە دولەت ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇش ھەققىدە قانۇن ماقۇللىغاندا ھەيرانلىقىم ئەۋجىگە چىقتى . كىيىن ۋاقىتنىڭ ئوتۇشى ، ياۋرۇپا - ئامرىكا ھەققىدىكى چۇشەنچەمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ھەيران قالماس بولدۇم ۋە ئامرىكا پرېزىدتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا جويلۇشكە ئوخشاش تۇيۇلغان سوزنىڭ تېگىگە يەتتىم . بىردىن ئىچىم ئاچچىق بولدى . ئەينى چاغدا ئامېركا پرېزنتى ئامېركا خەلقىنىڭ ئەخلاقى ۋە گۇناھ تۇيغۇسىغا ئىشەنچ قىلغان ، ئۇلارنىڭ ھەق- ناھەق كوز قارشىدىن گۇمانلانمىغاچقا قورۇقماستىن شۇ گەپنى قىلغان ئىكەن . نىمىشقا ئىچىم ئاچچىق بولدى ؟ ئامرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۇزۇمىگە نىسبەتەن قەلبىمگە ھەسەت ئوتى يالقۇنجىدۇمۇ- يە ؟ ياق ! ياق ! ياق ! ئىككى يىلدىن بۇيان ئەتراپىمىزدا يۇز بەرگەن ، ئابرۇي تۇيغۇسى ناھايتى يۇقىرى مەتبۇئاتلىرىمىز تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان ئەخلاقىمىزغا چىتىلىدىغان ،گۇناھ تۇيغۇمىزنى سوراقلايدىغان غەيرىي ھادىسلەر ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى . قەلبىمدە جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ئەخلاقىغا نىسبەتەن گۇمان ، چۇڭقۇر قايغۇ پەيدا بولدى . ناۋادا ھازىر جۇڭگۇدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئامرىكىدىكىگە ئوخشاش راي سىناش ئېلىپ بىرلىپ ، چىرىكلىك قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئاۋازغا قويۇلسا قانچىلىك ئەمەلدار قارشى تۇرار ؟ قانچىلىكى قوللاپ ئاۋاز بىرەر ؟ سودىگەرلەر ئارىسىدا سودا ئەخلاقىي ئاۋازغا قويۇلسا قانچىلىك سودىگەر قوللاپ ئاۋاز بىرەر ؟ قانچىلىكى قوللىماس.............ج ك پ مەركىزىي كومىتىتى سېياسى بىرۇسىنىڭ سابىق ئەزاسى ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىكۇمنىڭ سابېق سېكىرتارى چېن شىتۇڭ ، مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ كېجىلار جۇڭگۇدىكى پارخۇرلۇققا قارشى تۇرۇش كورشى جەريانىدا بايقالغان دولەت رەھبىرى دەرجىلىك پارۇخۇرلار ، چىرىكلەر ........ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ پاش قىلنىشى خەلقىنى خۇشال قىلدى . بىرى دولەتنىڭ قانۇن تۇزۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، بىرى پايتەختنىڭ بىرىنجى باشلىقى _ دولەتنىڭ موھىم رەھبىرى . ئۇلار نىمە ئۇچۇن شۇنداق خاتالاشتى ؟ ئۇلار كوممۇنىست ئىدىغۇ ، كومۇنىستىك ئەخلاق بىلەن تەربىيلەنگەن ئادەملەر ئىدىغۇ ؟ نىمە ئۇچۇن ئۇلاردىكى ئەخلاق ، گۇناھ تۇيغۇسى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا مىڭىشتىن چەكلەپ قالالمىدى ؟ بۇ ئىككىسى تەڭ تىپىك مىسال . باشقا چىرىكلىك مىساللىرى قۇمدەك ... دىمەك بۇ ئەھۋاللار كاللىمىزدا «ناۋادا مۇشۇنداق موھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان چىرىكلەر قولىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ، جىنايەتنى قانۇنلاشتۇرۋالغان بولسا ، قانداق قىلار ئىدۇق » دىگەن سۇئالنى پەيدا قىلىدۇ .....ئۇندىن باشقا ، ھازىر جۇڭگۇنىڭ خەلىقئارادا ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىردىغان زاۋۇت دىگەن نامى بار . ماگزىنلىرمىزنى ئارلىساق ساختا مال ئىلىپ سىلىش ۋەھىمىسى ۋۇجۇدىمىزنى ئوز ئىسكەنجىسىگە ئىلىپ تۇردۇ . بۇ ئەھۋالدىن مۇنداق ئۇچۇرغا ،ياق يەكۇنگە ئىرشىمىز : توۋەندە قانۇندىن ، يۇقۇردا خۇدادىن قورۇقماسلىق ھالىتى ........ ئىتىقادسىزلىق ئىجتىمايىتىزدە ھوكۇمىران ئورۇنغا ئوتتىمۇ نىمە ؟ ھەر يىلى جۇڭگۇدا نەچچە مىڭ ئادەم يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئولۇپ كىتىدۇ ، پالەج بولىدۇ . ئادەمنىڭ ئەڭ تۇپ ئىھتېياجى بولغان يېيىشمۇ بۇلغانغان ... ھەتتا ھازىر خاتىرجەم يىيېش ئىچىش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم . ستۇلبىلاردىن « قىزلىق پەردىسنى سېلىش ئوپىراتسىيسى » قىلىش ھەققىدىكى ئىلانلارنى كورۇپ تۇرسىز . بەلكىم ئەر كىشى بولسىڭىز غۇرۇرىڭىزنىڭ يەرگە ئۇرلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىغانسىز . ئايال كىشى بولسىڭىز ئاياللىق قىممىتىڭىزنىڭ يەرگە ئۇرلۇپ ، ئاياللىق ئۇلۇغلۇق ، پاكلىقنىڭمۇ خىرىسقا ئۇچرىغانلىقىدىن ، ئادەملەرنىڭ بەزلەشكەن قەلبى ئالدىدا قىزلىق غۇنچىسىنىڭ ئاياغ- ئاستى قىلنىۋاتقانلىقىدىن قەلبىڭىز قىيامەت ھەسرىتىگە چومگەندۇ ؟ ئەتراپىمىزدا ئادەملەر ئوز - ئوزىنى ئاياغ ئاستى قىلماقتا ... بىر چاغدا زۇنۇن قادىرىي «ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىدە يەر تىراگەىدىيەسىنى ئوتتۇرغا قويغانئىدى . ، ھازىر ينىمىزدىلا ۋىجدان ، ئەخلاق تىراگىدىيىسى يۇز بىرىۋاتىدۇ . بىر چاغلاردا دىمۇكىراتىنىڭ ئىخلاسمەن مورىتى ئىدىم ، شەخسى ئەركىنلىككە چۇقۇناتتىم . لىكىن ھازىر دىمۇكىراتىيدىن گۇمانلىنىمەن . ئەركىنلىكنىڭ چۇقۇنغۇچىلىرنىڭ ئاغزىغا ئۇرغۇم كىلدۇ . نىمىشقا ؟ ئامرىكىدىگە ئوخشاش مەلۇم قانۇننى ماقۇللاش ئۇچۇن ئومۇمى خەلىقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلسا خەلقىمنىڭ ئەخلاقىدىن گۇناھ تۇيغۇسىدىن گۇمان قىلمەن . %70 ئادەمنىڭ زاھەرلىك چىكىملىك چىكىشنى قانۇنلاشتۇرۇپ بەر ، دەپ تەلەپ قىلىشىدىن ئەمەس ، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئوتە چىركىن - پاسىق نەرسىلەرنى قانۇنلاشتۇرۋىلىشىدىن قورقۇمەن . جىنايەتنىڭ قانۇنلاشتۇرلىشى قىيامەتنىڭ باشلانغانلىقنىڭ بەلگىسى ، خالاس . گۇناھ تۇيغۇسى ئومۇمىي خەلىق ئەخلاقىنىڭ شەخس روھىيتىدىكى چەكلەش كۇچىدۇر . ئەخلاقمۇ ماھىيەتتە قانۇننىڭ يۇكسەك دەرجىدە ئاڭلىقلىشىدۇر . ئەخلاقنى يەنى بىر مەنبەسى ئىتىقاد .ئىتىقادسىزلىق ، ئىنساننىڭ شەخسيەتچىلىك تۇيغۇسىغا زەربە بىرىش نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان كېسەلمەن شەخسىيەتچىلىك ،ئوزىدىن باشقا ھىچكىمنى ئويلىماسلىق دەل گۇناھ تۇيغۇسىغا چۇشكەن ۋابا ۋىرۇسىدۇر . يىقىندا مەن « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى » نىڭ مەلۇم سانىدىن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ پۇل ئۇچۇن ئانىسنى ئولتۇرگەنلىكى ، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى 2001- يىلى 11- سانىدىن تۇرسۇن داۋۇت دىگەن مەلئۇننىڭ ئەمدىلا 17ئايلىق بولغان ئوماق بوۋاق قىزنىڭ نۇمسىغا تەككنلىكى ھەققىدىكى پاجەلىك دىلۇنى ئوقۇپ قالدىم . ئەخلاق ، گۇناھ تۇيغۇسى ھەققىدىكى ئويلىشىم ئەۋجىگە چىقتى .پۇتكۇل جۇڭگۇدىكى ئەخلاق كىرزىسىنىڭ ئىتىقادلىق سانالغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە يامرىشى قەلبىمنى پارە- پارە قىلىپ تاشلىدى . ئەنە، ھەدىسە ؛« بىز ئۇيغۇر » ،«ئۇيغۇر ئۇچۇن » دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ سوزلەيدىغان بىر ئۇيغۇر قاراپ تۇرۇپ قىرىندىشىنىڭ كىكىردىكىگە پىچاق سۇردى . ئەنە ، يەنى بىر ئۇيغۇر مەن مۇسۇلمان ، دەپ تۇرۇپ نارىسىدە قىزنىڭ ئىپپەت- نۇمىسىغا تەگدى . يەنە بىر ئۇيغۇر قىرىدىشىغا گوشنى كەم تارتىپ بەردى .......ئەنە ، بىر ئۇيغۇر قاسساپ ئوچكىنىڭ كەينىگە قوينىڭ قۇيرىقىنى 502ماركىلىق يىلىم بىلەن چاپلاپ ، ئۇنى قوي گوشى ئورنىدا قىرىندىشىغا ساتتى . قەسەمخۇرلۇقنى نۇمۇس دەپ بىلدىغان ئۇيغۇر قەسەمخۇر بوپكەتتى. ئەڭ ئۇلۇغ ناملارنى ئوز شەخسىيتى ئۇچۇن سۇيىېستىمال قىلىش قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردۇ . بىر چاغلاردا رەھمەتلىك بوۋام قىيامەت ھەققىدە سوزلەپ ؛ « ئادەملەر بىر- بىرىگە ئىشەنمەي ، قەغەز قەلەمنىڭ گۇۋاھچىلىقغا ئىشىنىشكە باشلىغاندا ، ئادەملەر قەلبىگە ئوزىدىن باشقا ھىچكىم سىغماس بولۇپ ،ئاياللار ئەرلەرگە خىرس قىلغاندا قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدىن بىشارەتتۇر » دەيتتى . شۇ چاغلاردا گۇدكلىكىمدىن بۇ سوزلەرنىڭ مەنىسىگە يەتمىگەنكەنمەن . ئەمدى ئويلاپ باقسام ، ئادەملەر بىر - بىرىگە ئىشەنمەي قەغەز - قەلەمنىڭ ئىسپاتىغا ئىشىنىشى ئەسلىدە ئىتىقاد ،ئشەنچىنىڭ ئاجىزلاپ ئادەملەر قەلبىنىڭ يىراقلاپ كىتىشى ئىكەن . ھازىر تۇز يوللاردا كىملەردۇر كولاپ تىندۇرۋەتمىگەن ئورەككە پۇتلىشىپ ، يىقىلىپ چۇشكەندە :« بىر چاغلاردىكى يولدا تىكەن ئۇچرىسا ، ھارۋۇسىدىن چۇشۇپ ئىلىپ تاشلايدىغان ئادەملەر نەگە كەتتى ؟ » دەپ ۋاقىرغۇم كىلىدۇ ... ئەخلاق ، گۇناھ تۇيغۇسى ھەققىدە ئويغاچومىمەن . گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ ئىنسانغا بىرىلگەن نەقەدەر زور بايلىق ئىكەنلىكىگە قول قويمەن . قەلبى ەۇناھ تۇيغۇسىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ ؛« سىلەر جىنايەت يولىغا مىڭىۋاتىسىلەر » دەپ ئۇنسىز ۋاقىرايمەن ...........
...مەنبە : شىنجاڭ مەدىنىيتى
2009年2月23日星期一
订阅:
博文评论 (Atom)

没有评论:
发表评论
ئىنكاسنى uyx.blogspot.com دا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىلىپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر گۇگول ھىسابىڭىز بولمىسا 名称/网址 نى تاللاپ ئىسمىڭىز ۋە بلوگ ئادرېسىڭىزنى تولدۇرۇپ يوللاڭ.
ياكى ئاستىدا تەھرىرلىگۈچ بار ،ئاشۇ يەردە يېزىڭ!
ئۇلىنىش